Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 61–70 of 129

61

وَمِنْهُمُ ٱلَّذِينَ يُؤْذُونَ ٱلنَّبِىَّ وَيَقُولُونَ هُوَ أُذُنٌۭ ۚ قُلْ أُذُنُ خَيْرٍۢ لَّكُمْ يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَيُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِينَ وَرَحْمَةٌۭ لِّلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مِنكُمْ ۚ وَٱلَّذِينَ يُؤْذُونَ رَسُولَ ٱللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌۭ

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە (سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق) ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(دۇرۇس، ئۇ) سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، اﷲ نىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ سۆزىگە (ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى بىلگەنلىكتىن) ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر» اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

مۇناپىقلارنىڭ بەزىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزى ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مۇلايىملىقىنى كۆرگەن چاغدا: ئۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئارىسىنى ئايرىمايدۇ، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «پەيغەمبەر پەقەت پايدىلىق سۆزلەرنىلا ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، راستچىل مۆئمىنلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ ۋە ئۇلارغا كۆيۈنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئۈچۈن رەھمەتتۇر. ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

62

يَحْلِفُونَ بِٱللَّهِ لَكُمْ لِيُرْضُوكُمْ وَٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ أَحَقُّ أَن يُرْضُوهُ إِن كَانُوا۟ مُؤْمِنِينَ

ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن (پەيغەمبەرگە تېگىدىغان گەپنى قىلمىدۇق دەپ) اﷲ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستلا مۆمىن بولىدىغان بولسا، اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى

ئى مۆئمىنلەر! ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرگە تېگىدىغان گەپنى قىلمىدۇق دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي مۆئمىن بولسا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن رازى قىلىشى كېرەك ئىدى.

63

أَلَمْ يَعْلَمُوٓا۟ أَنَّهُۥ مَن يُحَادِدِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَأَنَّ لَهُۥ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدًۭا فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ ٱلْخِزْىُ ٱلْعَظِيمُ

(بۇ مۇناپىقلار) اﷲ قا ۋە ئۇنى پەيغەمبىرىگە كىمكى قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ رەسۋالىقتۇر

بۇ مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن قىيامەت كۈنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ خارلىق ۋە رەسۋالىقتۇر.

64

يَحْذَرُ ٱلْمُنَٰفِقُونَ أَن تُنَزَّلَ عَلَيْهِمْ سُورَةٌۭ تُنَبِّئُهُم بِمَا فِى قُلُوبِهِمْ ۚ قُلِ ٱسْتَهْزِءُوٓا۟ إِنَّ ٱللَّهَ مُخْرِجٌۭ مَّا تَحْذَرُونَ

مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە خەۋەر بېرىشتىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر (اﷲ نىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) اﷲ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ»

مۇناپىقلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يۇشۇرغان كۇپرىلىقنى مۆئمىنلەرگە بىلدۈرىدىغان بىرەر سۈرىنىڭ نازىل قىلىنىشىدىن قورقىدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى:«ئى مۇناپىقلار! دىننى مەسىخىرە قىلىش ۋە دىنغا تەنە قىلىشىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. ئاللاھ بىرەر سۈرىنى چۈشۈرۈش ياكى پەيغەمبىرىنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىش ئارقىلىق سىلەر قورقۇۋاتقان نەرسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغىچىدۇر».

65

وَلَئِن سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ ۚ قُلْ أَبِٱللَّهِ وَءَايَٰتِهِۦ وَرَسُولِهِۦ كُنتُمْ تَسْتَهْزِءُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز (راست ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر اﷲ نىڭ دىنىنى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا خەۋەر قىلغىنىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دىنغا تەنە قىلغانلىقى ۋە مۆئمىنلەرنى تىللىغانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار: «بىز چاخچاق قىلىپ قويغان، راست دېمىگەن ئىدۇق» دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟!، دېگىن.

66

لَا تَعْتَذِرُوا۟ قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَٰنِكُمْ ۚ إِن نَّعْفُ عَن طَآئِفَةٍۢ مِّنكُمْ نُعَذِّبْ طَآئِفَةًۢ بِأَنَّهُمْ كَانُوا۟ مُجْرِمِينَ

سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز

سىلەر يالغاندىن ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەر كۇپرىنى يۇشۇرغىنىڭلاردىن كېيىن ( دىننى) مەسخىرە قىلغىنىڭلار سەۋەبىدىن كاپىر بولۇپ كەتتىڭلار. ئەگەر سىلەردىن بىر گورۇھنى مۇناپىقلىقىنى تاشلاپ تەۋبە قىلغانلىقى ۋە ئاللاھقا ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ قىلساق، تەۋبە قىلماي مۇناپىقلىقىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر گوروھنى جازالايمىز.

67

ٱلْمُنَٰفِقُونَ وَٱلْمُنَٰفِقَٰتُ بَعْضُهُم مِّنۢ بَعْضٍۢ ۚ يَأْمُرُونَ بِٱلْمُنكَرِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْمَعْرُوفِ وَيَقْبِضُونَ أَيْدِيَهُمْ ۚ نَسُوا۟ ٱللَّهَ فَنَسِيَهُمْ ۗ إِنَّ ٱلْمُنَٰفِقِينَ هُمُ ٱلْفَٰسِقُونَ

مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار (مۇناپىقلىقتا ۋە ئىماندىن يىراق بولۇشتا) بىر - بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ (يەنى بېخىللىق قىلىپ سەدىقە بەرمەيدۇ). ئۇلار اﷲ نى ئۇنتۇدى (يەنى اﷲ نىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، اﷲ مۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى اﷲ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى). شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر

مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار مۇناپىقلىقتا ئوخشاشتۇر. ئۇلار مۆئمىنلەرگە قارشى تۇرىدۇ. يامانلىققا بۇيرۇپ، ياخشىلىقتىن چەكلەيدۇ. مال-دۇنياسىغا بېخىللىق قىلىپ، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلمايدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى تەرك ئېتىدۇ. ئاللاھمۇ ئۇلارغا مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ھەق يولدىن ئاللاھقا ئاسى بولۇش ئارقىلىق ئازغۇنلۇققا مۇپتىلا بولغانلاردۇر.

68

وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلْمُنَٰفِقِينَ وَٱلْمُنَٰفِقَٰتِ وَٱلْكُفَّارَ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَا ۚ هِىَ حَسْبُهُمْ ۚ وَلَعَنَهُمُ ٱللَّهُ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌۭ مُّقِيمٌۭ

اﷲ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئاللاھ تەۋبە قىلمىغان مۇناپىقلار ۋە كاپىرلارغا مەڭگۈلۈك دەۋزەخكە كىرىشنى ۋەدە قىلدى. دەۋزەخ ئۇلارنى ئازاپلاشقا يىتەرلىكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ.

69

كَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ كَانُوٓا۟ أَشَدَّ مِنكُمْ قُوَّةًۭ وَأَكْثَرَ أَمْوَٰلًۭا وَأَوْلَٰدًۭا فَٱسْتَمْتَعُوا۟ بِخَلَٰقِهِمْ فَٱسْتَمْتَعْتُم بِخَلَٰقِكُمْ كَمَا ٱسْتَمْتَعَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكُم بِخَلَٰقِهِمْ وَخُضْتُمْ كَٱلَّذِى خَاضُوٓا۟ ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَٰلُهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْءَاخِرَةِ ۖ وَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَٰسِرُونَ

(ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار) سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن (ھالاك بولغان ئۈممەتلەرنىڭ ھالىغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ - قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال - مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتىبارسىزدۇر، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر

ئى مۇناپىقلار جامائەسى! سىلەر كۇپرىلىق ۋە (دىننى) مەسخىرە قىلىشتا سىلەردىن ئىلگىرىكى ھەقنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتكە ئوخشايسىلەر. ئۇلار كۈچ -قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال-مۈلكى ۋە ئەۋلاتلىرى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. ئۇلار دۇنيانىڭ لەززەتلىرى ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىدىن ئۆزلىرىگە پۈتۈلگەن نېسىۋىسىدىن مەنپەئەتلەندى. ئى مۇناپىقلار! ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئۆز نېسىۋىسىدىن مەنپەئەتلەنگىنىدەك سىلەرمۇ بەلگىلەنگەن نېسىۋەڭلەردىن مەنپەئەتلەندىڭلار. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغىنى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە تەنە قىلغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ پەيغەمبەرگە ئەزىيەت قىلدىڭلار. ئەنە شۇ ناچار سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەنلەر؛ كۈپرىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللىرى باتىل بولۇپ كەتتى. ئۇلار ھالاكەت ئۇرۇنلىرىغا كېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان كىشىلەردۇر.

70

أَلَمْ يَأْتِهِمْ نَبَأُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ قَوْمِ نُوحٍۢ وَعَادٍۢ وَثَمُودَ وَقَوْمِ إِبْرَٰهِيمَ وَأَصْحَٰبِ مَدْيَنَ وَٱلْمُؤْتَفِكَٰتِ ۚ أَتَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَٰتِ ۖ فَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِن كَانُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ

ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ، نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەن قىشلاقلارنىڭ (يەنى لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى قىشلاقلىرىنىڭ) خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلدى (بۇ مۆجىزىلەرنى ئۇلار ئىنكار قىلدى). اﷲ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار (كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى

ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەرنىڭ، نوھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، لۇت قەۋمى قىشلاقلىرىنىڭ ئۇچرىغان ئازابلىرىنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا ئېنىق پاكىت ۋە ئوچۇق ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى. پەيغەمبەرلىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. لېكىن ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.