Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 51–60 of 129

51

قُل لَّن يُصِيبَنَآ إِلَّا مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَنَا هُوَ مَوْلَىٰنَا ۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُؤْمِنُونَ

ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت اﷲ نىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى مۆمىنلەر ھەممە ئىشنى اﷲ قا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن)»

ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارغا ئېيتقىنكى: بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ پاناھلىنىدىغان پاناھگاھىمىز، بىز ئىشلىرىمىزدا ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارمىز، مۆئمىنلەر ئىشلىرىنى يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا تاپشۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل!.

52

قُلْ هَلْ تَرَبَّصُونَ بِنَآ إِلَّآ إِحْدَى ٱلْحُسْنَيَيْنِ ۖ وَنَحْنُ نَتَرَبَّصُ بِكُمْ أَن يُصِيبَكُمُ ٱللَّهُ بِعَذَابٍۢ مِّنْ عِندِهِۦٓ أَوْ بِأَيْدِينَا ۖ فَتَرَبَّصُوٓا۟ إِنَّا مَعَكُم مُّتَرَبِّصُونَ

ئېيتقىنكى، «سىلەر پەقەت بىزنىڭ (غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت) ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ اﷲ نىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ (ئۆزۈڭلارغا كەلگەننى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (ئۆزىمىزگە كەلگەننى) كۈتەيلى»

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر بىزنىڭ غەلبە قازىنىش ياكى شېھىت بولۇشقا ئېرىشىشىمىزنى كۈتىۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ھالاك قىلىدىغان ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى ئاللاھ بىزگە سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن چاغدا سىلەرنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئەسىر ئېلىش ئارقىلىق قوللىرىمىز بىلەن جازالىشىمىزنى كۈتىمىز، سىلەرمۇ بىزنىڭ ئاقىۋىتىمىزنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەرنىڭ ئاقىۋىتىڭلارنى كۈتەيلى.

53

قُلْ أَنفِقُوا۟ طَوْعًا أَوْ كَرْهًۭا لَّن يُتَقَبَّلَ مِنكُمْ ۖ إِنَّكُمْ كُنتُمْ قَوْمًۭا فَٰسِقِينَ

ئېيتقىنكى، «(ئى مۇناپىقلار جامائەسى!) سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا (قانچىلىك پۇل - مال سەرپ قىلساڭلارمۇ) ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار»

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ئىختىيارى ياكى مەجبۇرى قانچىلىك مال سەرپ قىلساڭلارمۇ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان كاپىر قەۋم بولغىنىڭلار ئۈچۈن سەرپ قىلغان نەرسەڭلار ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

54

وَمَا مَنَعَهُمْ أَن تُقْبَلَ مِنْهُمْ نَفَقَٰتُهُمْ إِلَّآ أَنَّهُمْ كَفَرُوا۟ بِٱللَّهِ وَبِرَسُولِهِۦ وَلَا يَأْتُونَ ٱلصَّلَوٰةَ إِلَّا وَهُمْ كُسَالَىٰ وَلَا يُنفِقُونَ إِلَّا وَهُمْ كَٰرِهُونَ

ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، (پۇل - مېلىنى) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ

ئۇلارنىڭ نەپىقىسىنىڭ قۇبۇل بولماسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەبتىن ئىبارەتتۇر: ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ناماز ئوقۇغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ، پۇل-مېلىنى ئىختىيارى نەپىقە قىلمايدۇ بەلكى مەجبۇرى نەپىقە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار نامازلىرىدا ياكى نەپىقىلىرىدە ساۋاپ ئۈمىد قىلمايدۇ.

55

فَلَا تُعْجِبْكَ أَمْوَٰلُهُمْ وَلَآ أَوْلَٰدُهُمْ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُعَذِّبَهُم بِهَا فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَتَزْهَقَ أَنفُسُهُمْ وَهُمْ كَٰفِرُونَ

ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى ۋە ئەۋلادى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، اﷲ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن ۋە ساڭا چىرايلىق كۆرۈنۈپمۇ كەتمىسۇن. ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە بالىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ناچاردۇر. تاكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى كاپىر پېتى چىقىرىپ، دەۋزەخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار قىلغانغا قەدەر ئۇلارنى مال-دۇنياغا ئېرىشىش ئۈچۈن چارچىتىش ، ھاردۇرۇش ۋە مال-دۇنياسىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر ئارقىلىق ئازاپلايدۇ.

56

وَيَحْلِفُونَ بِٱللَّهِ إِنَّهُمْ لَمِنكُمْ وَمَا هُم مِّنكُمْ وَلَٰكِنَّهُمْ قَوْمٌۭ يَفْرَقُونَ

ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەر (يەنى سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار) دىن» دەپ، اﷲ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار (زىيان - زەخمەتكە ئۇچراشتىن قورقۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان) قورقۇنچاق قەۋمدۇر

ئى مۆمىنلەر! مۇناپىقلار: «چوقۇم بىز سىلەردىن» دەپ يالغان قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار گەرچە ئۆزلىرىنىڭ سىلەر بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ قەلبلىرىدە سىلەر بىلەن ئەمەس. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇشرىكلار ئۇچرىغان ئۆلتۈرۈلۈش، ئەسىرگە چۈشۈش قاتارلىقلارغا يولۇقۇشتىن قورقۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان قورقۇنچاق قەۋمدۇر.

57

لَوْ يَجِدُونَ مَلْجَـًٔا أَوْ مَغَٰرَٰتٍ أَوْ مُدَّخَلًۭا لَّوَلَّوْا۟ إِلَيْهِ وَهُمْ يَجْمَحُونَ

ئەگەر ئۇلار بىرەر قورغان ياكى غار ۋە ياكى گەمىنى تاپسا ئىدى، ئۇلار شۇ تەرەپكە قاراپ ئەلۋەتتە يۈگۈرۈشكەن بولاتتى

ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى پاناھلانغۇدەك بىرەر قورغان ياكى تاغلاردا يۇشۇرۇنغۇدەك غار ياكى كىرىۋالىدىغان گەمىنى تاپقان بولسا ئىدى، ئۇلار تىزلا شۇ يەرگە كېرىپ پاناھلىناتتى.

58

وَمِنْهُم مَّن يَلْمِزُكَ فِى ٱلصَّدَقَٰتِ فَإِنْ أُعْطُوا۟ مِنْهَا رَضُوا۟ وَإِن لَّمْ يُعْطَوْا۟ مِنْهَآ إِذَا هُمْ يَسْخَطُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە (ۋە غەنىيمەت) لەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ

ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارنىڭ بەزىسى خالىغىنىغا ئىرىشەلمىگىنىدە سېنىڭ سەدىقىلەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىپلەيدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارغا تەلەپ قىلغىنىنى بەرسەڭ سەندىن رازى بولىدۇ. ئەگەر بەرمىسەڭ غۇدىرايدۇ.

59

وَلَوْ أَنَّهُمْ رَضُوا۟ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَقَالُوا۟ حَسْبُنَا ٱللَّهُ سَيُؤْتِينَا ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ وَرَسُولُهُۥٓ إِنَّآ إِلَى ٱللَّهِ رَٰغِبُونَ

ئەگەر ئۇلار اﷲ نىڭ ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «اﷲ بىزگە. كۆرىدۇ قىلىدۇ، اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن اﷲ تىن (اﷲ نىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى) ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى

سېنىڭ سەدىقىلەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىپلەۋاتقان مۇناپىقلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بەرگىنىگە رازى بولۇپ: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر، بىزگە ئۆز پەزلىدىن خالىغىنىنى بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئاللاھ بەرگىنىدىن بېرىدۇ، بىز ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى ئۆتۈنۈپ سورۇغۇچىلارمىز» دېگەن بولسا ئىدى، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە سېنى ئەيىپلىگىنىدىن ياخشى بولاتتى.

60

۞ إِنَّمَا ٱلصَّدَقَٰتُ لِلْفُقَرَآءِ وَٱلْمَسَٰكِينِ وَٱلْعَٰمِلِينَ عَلَيْهَا وَٱلْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِى ٱلرِّقَابِ وَٱلْغَٰرِمِينَ وَفِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱبْنِ ٱلسَّبِيلِ ۖ فَرِيضَةًۭ مِّنَ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌۭ

زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، اﷲ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

زاكات؛ پەقەت ھۆنىرى ياكى خىزمىتى بار، ئەمما تاپقىنى تۇرمۇشىغا يەتمەيدىغان، باشقىلار دىققەت قىلىپمۇ كەتمەيدىغان بىر نەرسىسى يوق پېقىرلارغا، ئەھۋالىدىن ياكى قىلغان سۆزلىرىدىن (كەمبەغەللىكى) كىشىلەرگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مىسكىنلەرگە، ئىمام زاكات توپلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن زاكات خادىملىرىغا، ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان كاپىرلارغا ياكى ئىمانىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىمانى ئاجىز كىشىلەرگە ياكى ئىقتىساد ئارقىلىق يامانلىقىدىن ساقلىنىلىدىغان كىشىلەرگە، ئازات قىلىنىدىغان قۇللارغا، قەرزلىرىنى تۆلىيەلمىگەن، ئىسراپ قىلمايدىغان ۋە گۇناھ مەئسىيەتكە ئىشلەتمەيدىغان قەرزدارلارغا، ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدلارنى تەييارلاشقا، نەپىقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىر قاتارلىقلارغا بېرىلىشى ۋاجىپتۇر. زاكاتنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگىلا بېرىش ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا، ھۆكۈمنى يولغا قويۇشدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.