Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 41–50 of 129

41

ٱنفِرُوا۟ خِفَافًۭا وَثِقَالًۭا وَجَٰهِدُوا۟ بِأَمْوَٰلِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌۭ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ

(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر يىنىك بولغان ياكى ئېغىر بولغان ھالەتتە (يەنى مەيلى ياش - قېرى، پىيادە، ئۇلاغلىق بولۇڭلار، ئوڭۇشلۇق ۋە قىيىن شارائىتتا بولۇڭلار، ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز بولۇڭلار، ھەممە ئەھۋالدا) جىھادقا چىقىڭلار، اﷲ نىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر

ئى مۆئمىنلەر! قىيىنچىلىق ۋە ئاسانچىلىقتا، ياشلىق ۋە قېرىلىقتا ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىڭلار. ماللىرىڭلار ۋە جانلىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ھەقىقەتەن ماللار ۋە جانلار بىلەن جىھاد قىلىش (ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە باغلىنىپ سودا-سېتىق قىلىشتىن) دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىكراقتۇر. ئەگەر سىلەر بۇنى بىلسەڭلار جىھاد قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭلار.

42

لَوْ كَانَ عَرَضًۭا قَرِيبًۭا وَسَفَرًۭا قَاصِدًۭا لَّٱتَّبَعُوكَ وَلَٰكِنۢ بَعُدَتْ عَلَيْهِمُ ٱلشُّقَّةُ ۚ وَسَيَحْلِفُونَ بِٱللَّهِ لَوِ ٱسْتَطَعْنَا لَخَرَجْنَا مَعَكُمْ يُهْلِكُونَ أَنفُسَهُمْ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّهُمْ لَكَٰذِبُونَ

ئەگەر (ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىنغىنى) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە (يىراق ئەمەس) ئوتتۇراھال سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ (غەنىيمەت ئېلىش مەقسىتىدە) چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار بىلەن قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار (يالغان قەسەملىرى تۈپەيلىدىن) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلىدۇ، اﷲ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك - شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر سەندىن جىھادقا چىقماسلىققا ئىزنى سورىغان مۇناپىقلار سىلەر چاقىرىۋاتقان نەرسە ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىمەت، يەنى جاپاسى يوق بولغان سەپەر بولسا ئىدى ئۇلار ساڭا ئەگىشەتتى. سەن ئۇلارنى چاقىرغان مۇساپە دۈشمەننى كېسىپ ئۆتكەچكە ئۇلارغا يىراق بىلىنىپ ئۇلار جىھادقا چىقمىدى. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن چېغىڭدا ئۇلار قەسەم قىلىپ: ئەگەر سىلەر بىلەن جىھادقا چىقىشقا قۇربىمىز يەتكەن بولسا ئەلۋەتتە چىقاتتۇق، دەيدۇ. ئۇلار جىھادقا چىقمىغانلىق ۋە يالغان قەسەم ئىچكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىپ ھالاك بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دەۋاسىدا ۋە بۇ قەسەملىرىدە يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

43

عَفَا ٱللَّهُ عَنكَ لِمَ أَذِنتَ لَهُمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُوا۟ وَتَعْلَمَ ٱلْكَٰذِبِينَ

(ئى مۇھەممەد!) اﷲ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار بىلەن يالغانچىلار (ساڭا ئېنىق بولمىغۇچە نېمىشقا ئۇلارغا چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقماسلىقىغا ئىزنى بېرىش ھەققىدىكى ئىجتىھادىڭنى ئاللاھ كەچۈردى. بايان قىلغان ئۆزرىلىرىدە راست سۆزلىگۈچىلەر بىلەن يالغان سۆزلىگۈچىلەر ساڭا ئېنىق بولمىغۇچە نېمىشقا ئۇلارغا ئىزنى بەردىڭ؟ ئەگەر راستچىللار بىلەن يالغانچىلار ئېنىقلانغان بولسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يالغانچىلارنى قويۇپ راستچىللارغا ئىزنى بېرەتتىڭ.

44

لَا يَسْتَـْٔذِنُكَ ٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ أَن يُجَٰهِدُوا۟ بِأَمْوَٰلِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِٱلْمُتَّقِينَ

(ئى مۇھەممەد!) اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلار سەندىن ماللىرى بىلەن ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشقا رۇخسەت سورىمايدۇ. اﷲ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ

ئى پەيغەمبەر؟ ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلماسلىق ھەققىدە ئىزنى سوراش ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۆئمىنلەرگە لايىق ئەمەس. بەلكى ئۇلار قاچان جىھادقا چاقىرىلسا (شۇ ھامان) چىقىش، ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىش ئۇلارغا لايىقتۇر. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن سەن بىلەن جىھادقا چىقىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئۆزرۈسى بولمىسىلا، سەندىن جىھادقا چىقماسلىق ھەققىدە ئىزنى سورىمايدىغان تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ.

45

إِنَّمَا يَسْتَـْٔذِنُكَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ وَٱرْتَابَتْ قُلُوبُهُمْ فَهُمْ فِى رَيْبِهِمْ يَتَرَدَّدُونَ

(ئى مۇھەممەد) سەندىن پەقەت اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، دىللىرىدا (اﷲ نىڭ بىرلىكىگە ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇمانى بارلار رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقماسلىق ھەققىدە سەندىن ئىزنى سوراۋاتقانلار بولسا، ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان مۇناپىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە شەك چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ھەقىقەتنى تاپالماي گۇمانلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ.

46

۞ وَلَوْ أَرَادُوا۟ ٱلْخُرُوجَ لَأَعَدُّوا۟ لَهُۥ عُدَّةًۭ وَلَٰكِن كَرِهَ ٱللَّهُ ٱنۢبِعَاثَهُمْ فَثَبَّطَهُمْ وَقِيلَ ٱقْعُدُوا۟ مَعَ ٱلْقَٰعِدِينَ

ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن اﷲ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھۇرۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى

ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىش نىيىتى بارلىقى دەۋاسىدا راستچىل بولغان بولسا، ھازىرلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق تەييارلىق قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ سەن بىلەن چىقىشىنى ياقتۇرمىدى. شۇڭا جىھادقا چىقىش ئۇلارغا ئېغىر كەلدى-دە نەتىجىدە ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشنى تاللىدى.

47

لَوْ خَرَجُوا۟ فِيكُم مَّا زَادُوكُمْ إِلَّا خَبَالًۭا وَلَأَوْضَعُوا۟ خِلَٰلَكُمْ يَبْغُونَكُمُ ٱلْفِتْنَةَ وَفِيكُمْ سَمَّٰعُونَ لَهُمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ

ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە - پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى،. ئاراڭلاردا ئۇلار ئۈچۈن تىڭ - تىڭلايدىغانلار بار، اﷲ زالىملارنى (يەنى مۇناپىقلارنىڭ ئىچى - تېشىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر

بۇ مۇناپىقلارنىڭ سىلەر بىلەن بىللە جىھادقا چىقمىغىنى ياخشى، چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن چىققان بولسا ئاراڭلاردا ئۈمۈتسىزلەندۈرۈش ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە شۈبھى تاشلاش ئارقىلىق پىتنە-پاساتنى كۆپەيتەتتى. سىلەرنى بۆلىۋېتىش ئۈچۈن ئاراڭلاردا سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئى مۆئمىنلەر! ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ تارقىتىپ يۈرگەن يالغانلىرىنى ئاڭلاپ، قوبۇل قىلىپ تارقىتىدىغانلار بار. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۆئمىنلەر ئارىسىدا سۈيقەست ۋە شەك-شۈبھى تارقىتىپ يۈرۈيدىغان مۇناپىقلاردىن ئىبارەت زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ.

48

لَقَدِ ٱبْتَغَوُا۟ ٱلْفِتْنَةَ مِن قَبْلُ وَقَلَّبُوا۟ لَكَ ٱلْأُمُورَ حَتَّىٰ جَآءَ ٱلْحَقُّ وَظَهَرَ أَمْرُ ٱللَّهِ وَهُمْ كَٰرِهُونَ

ئىلگىرى ئۇلار تاكى اﷲ نىڭ ياردىمى كەلگەنگە، اﷲ نىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئورۇنغان، ساڭا ھىيلە - مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر

مۇناپىقلار تەبۇك غازىتىدىن ئىلگىرى مۆئمىنلەرنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ۋە ئۇلارنى پارچىلاش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ھېرىسمەن ئىدى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلار تاكى ساڭا ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىپ، ئاللاھ دىنىنى غالىپ قىلغان ۋە دۈشمەنلىرىنى يەر چىشلەتكەنگە قەدەر، سىنىڭ جىھاد قىلىش ئىرادەڭنىڭ سۇنىشىغا تەسىر كۆرسۈتۈشى ئۈچۈن ساڭا ھەرخىل ھىلە-مىكىرلەرنى قىلدى. ھالبۇكى ئۇلار باتىلنىڭ ھەقىقەتتىن غالىب كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

49

وَمِنْهُم مَّن يَقُولُ ٱئْذَن لِّى وَلَا تَفْتِنِّىٓ ۚ أَلَا فِى ٱلْفِتْنَةِ سَقَطُوا۟ ۗ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةٌۢ بِٱلْكَٰفِرِينَ

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا (يەنى مېنىڭ قېلىشىمغا) رۇخسەت قىلغىن، مېنى بالاغا گىرىپتار قىلمىغىن (يەنى رۇمنىڭ ئاياللىرى بىلەن گۇناھ قىلىپ سېلىشىمغا سەۋەبچى بولمىغىن)» دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمەلدە ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت چوڭ) بالاغا گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى ئوراپ تۇرغۇچىدۇر

مۇناپىقلار ئىچىدە ھەرخىل ئۆزۈرلەرنى ئېيتىدىغانلىرى بار بولۇپ ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ جىھادقا چىقماسلىقىمغا رۇخسەت قىلغىن، مەن رۇمنىڭ ئاياللىرىنى كۆرگەن چېغىمدا ئۇلارنىڭ پىتنىسى سەۋەبلىك گۇناھقا چۈشۈپ قالماسلىقىم ئۈچۈن مېنى ئۆزۈڭ بىلەن چىقىشقا مەجبۇرلىمىغىن، دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار مۇناپىقلىقنىڭ پىتنىسى ۋە جىھادتىن قىلىپ قېلىش پىتنىسىدىن ئىبارەت ئويلىغىنىدىنمۇ چوڭ پىتنىگە گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى جەھەننەم قىيامەت كۈنى كاپىرلارنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ قۇتۇلالمايدۇ ۋە قاچىدىغان جايمۇ تاپالمايدۇ.

50

إِن تُصِبْكَ حَسَنَةٌۭ تَسُؤْهُمْ ۖ وَإِن تُصِبْكَ مُصِيبَةٌۭ يَقُولُوا۟ قَدْ أَخَذْنَآ أَمْرَنَا مِن قَبْلُ وَيَتَوَلَّوا۟ وَّهُمْ فَرِحُونَ

ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ساڭا ئاللاھ تەرەپتىن سېنى خۇشال قىلىدىغان غەلبە ياكى غەنىمەت ( دېگەندەك ) بىرەر نېئمەت كەلسە ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قايغۇرىدۇ. ئەگەر ساڭا قىيىنچىلىق ياكى دۈشمەنگە يېڭىلىشكە ئوخشاش بىرەر مۇسىيبەت كەلسە ئۇلار: دىققەت قىلغان ئىكەنمىز، جەڭگە چىقماي ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز، مۆئمىنلەر جىھادقا چىقىپ ئۆلۈم ۋە ئەسىرگە چۈشۈشكە دۇچ كەلدى، دېيىشىدۇ. ئاندىن كېيىن مۇناپىقلار سالامەت قالغانلىقىدىن خۇشاللىنىپ ئائىلىسىگە قايتىشىدۇ.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.