Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 31–40 of 129

31

ٱتَّخَذُوٓا۟ أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَٰنَهُمْ أَرْبَابًۭا مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَٱلْمَسِيحَ ٱبْنَ مَرْيَمَ وَمَآ أُمِرُوٓا۟ إِلَّا لِيَعْبُدُوٓا۟ إِلَٰهًۭا وَٰحِدًۭا ۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَٰنَهُۥ عَمَّا يُشْرِكُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ تىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر

يەھۇدىلار ئۆلىمالىرىنى، ناسارالار راھىبلىرىنى ئاللاھنى قويۇپ ئۇلارنى رەب قىلىۋالدى. بۇ دىنى رەھبەرلەر ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. ناسارالار ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىلاھ قىلىۋالدى. ئاللاھ يەھۇدى ئۆلىمالىرىنى، ناسارالارنىڭ راھىبلىرىنى، ئۇزەيرنى ۋە ئىيسا ئىبنى مەريەمنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئۆزىگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرىغان ئىدى. ئاللاھ يەككە-يېگانە ئىلاھتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھ بارچە ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ مۇشرىكلار چاپلىغان بۇھتانلاردىن پاكتۇر

32

يُرِيدُونَ أَن يُطْفِـُٔوا۟ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفْوَٰهِهِمْ وَيَأْبَى ٱللَّهُ إِلَّآ أَن يُتِمَّ نُورَهُۥ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْكَٰفِرُونَ

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) اﷲ نىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى (يەنى يالغان - ياۋىداق بوھتانلىرى) بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، اﷲ ئۆز نۇرىنى ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ، كاپىرلار (بۇنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ

بۇ كاپىرلار ۋە بۇلاردىن باشقا كاپىرلانىڭ دىنىدىن مەلۇم بىر دىندا بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ توقۇغان يالغانلىرى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشلىرى ئارقىلىق ئىسلامنى يوق قىلماقچى، ئىسلامدىكى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئېنىق ھۆججەت ۋە ئوچۇق ئىسپاتلارنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى باتىلغا چىقارماقچى بولىدۇ. گەرچە كاپىرلار ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئۈستۈن بولىشىنى خالىمىسىمۇ، ئاللاھ ئۆز دىنىنى مۇكەممەل ۋە باشقا دىنلاردىن ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىنىنى مۇكەممەل ۋە ئۈستۈن قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ بىر ئىشنى ئىرادە قىلسا باشقىلارنىڭ ئىرادىسى ( ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا ) بىكار بولىدۇ

33

هُوَ ٱلَّذِىٓ أَرْسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلْهُدَىٰ وَدِينِ ٱلْحَقِّ لِيُظْهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْمُشْرِكُونَ

اﷲ ھەق دىن (ئىسلام) نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ (ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ

گەرچە مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئىسلامدا (ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئائىت) ھۆججەت، پاكىت ۋە ئەھكاملار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى باشقا دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنىڭ يولباشچىسى قۇرئان بىلەن ۋە ئىسلام دىندىن ئىبارەت ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى.

34

۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِنَّ كَثِيرًۭا مِّنَ ٱلْأَحْبَارِ وَٱلرُّهْبَانِ لَيَأْكُلُونَ أَمْوَٰلَ ٱلنَّاسِ بِٱلْبَٰطِلِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۗ وَٱلَّذِينَ يَكْنِزُونَ ٱلذَّهَبَ وَٱلْفِضَّةَ وَلَا يُنفِقُونَهَا فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍۢ

ئى مۆمىنلەر! ھىبرىلەر ۋە راھىبلەردىن (يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن) نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، ئالتۇن - كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى اﷲ نىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن

ئى ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ئەھكاملارغا ئەمەل قىلغان كىشىلەر! يەھۇدىلارنىڭ ئۆلىمالىرىدىن، ناسارالارنىڭ راھىبلىرىدىن نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن ئېلىۋالىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ماللىرىنى پارا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يوللار بىلەن ئېلىۋالىدۇ. كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن چەكلەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئالتۇن كۈمۈش جۇغلىغان، زاكىتىنى ئادا قىلمىغانلارغا قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئوسال قىلىدىغان قاتتىق ئازاپ بىلەن خەۋەر بەرگىن.

35

يَوْمَ يُحْمَىٰ عَلَيْهَا فِى نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنُوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ ۖ هَٰذَا مَا كَنَزْتُمْ لِأَنفُسِكُمْ فَذُوقُوا۟ مَا كُنتُمْ تَكْنِزُونَ

ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن - كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى اﷲ نىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن - كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ

قىيامەت كۈنى ئۇلار يىغىپ ھەققىنى ئادا قىلمىغان ئالتۈن كۈمۈشلىرى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، تازا قىززىغان چاغدا ئۇنىڭ بىلەن پىشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا كايىپ: «بۇ سىلەرنىڭ جۇغلاپ، ۋاجىپ بولغان ھەققىنى ئاد قىلمىغان مال-دۇنيارىڭلار، سىلەر جۇغلاپ ھەققىنى ئادا قىلمىغان نەرسىنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار دېيىلدۇ».

36

إِنَّ عِدَّةَ ٱلشُّهُورِ عِندَ ٱللَّهِ ٱثْنَا عَشَرَ شَهْرًۭا فِى كِتَٰبِ ٱللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ مِنْهَآ أَرْبَعَةٌ حُرُمٌۭ ۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلْقَيِّمُ ۚ فَلَا تَظْلِمُوا۟ فِيهِنَّ أَنفُسَكُمْ ۚ وَقَٰتِلُوا۟ ٱلْمُشْرِكِينَ كَآفَّةًۭ كَمَا يُقَٰتِلُونَكُمْ كَآفَّةًۭ ۚ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلْمُتَّقِينَ

شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى اﷲ نىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى اﷲ نىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، اﷲ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار، مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن اﷲ تىن قورققۇچىلارغا اﷲ نىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىدە بولۇڭلار)

شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن باشلاپ ئاللاھ لەۋھۇلمەھپۇزدا بېكىتكەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئايلارنىڭ سانى12 دۇر. بۇ 12 ئايدىن تۆت ئايدا ئاللاھ ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلغان، بۇلاردىن زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەمدىن ئىبارەت ئۈچ ئاي ئارقىمۇ-ئارقا، رەجەپ ئېيى يالغۇز كېلىدۇ. تىلغا ئېلىنغان بۇ ئايلارنىڭ سانى ۋە ئۇلاردىن تۆت ئايدا ئۇرۇش قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرا دىندۇر. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش ۋە بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ. كىم ئاللاھ بىلەن بىرگە بولىدىكەن ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ

37

إِنَّمَا ٱلنَّسِىٓءُ زِيَادَةٌۭ فِى ٱلْكُفْرِ ۖ يُضَلُّ بِهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُحِلُّونَهُۥ عَامًۭا وَيُحَرِّمُونَهُۥ عَامًۭا لِّيُوَاطِـُٔوا۟ عِدَّةَ مَا حَرَّمَ ٱللَّهُ فَيُحِلُّوا۟ مَا حَرَّمَ ٱللَّهُ ۚ زُيِّنَ لَهُمْ سُوٓءُ أَعْمَٰلِهِمْ ۗ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْكَٰفِرِينَ

ئاينى ئارقىغا سۈرۈش (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى باشقا بىر ئايغا ئۆزگەرتىپ، يىلنىڭ 12 ئېيىنى 13 ئايغا كۆپەيتىش) كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر، بۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ئازدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار اﷲ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار اﷲ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. اﷲ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى ئۇرۇش ھارام قىلىنمىغان ئايغا سۈرۈش ۋە خۇددى ئەرەبلەر جاھىلىيەتتە قىلغىنىدەك ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينىڭ ئورنىغا ئۇرۇش ھارام قىلىنمىغان ئاينى ئۆزگەرتىش كۇپرىلىق ئۈستىگە كۇپرىلىقنى زىيادە قىلىشتۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى ئىنكار قىلدى. شەيتان كاپىرلارنى بۇ ناچار قىلمىشقا باشلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلار بىر يىل ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى ئۇرۇش ھالال قىلىنغان ئايلارغا ئالماشتۇرسا، يەنە بىر يىل ئاللاھ ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ گەرچە دەل ئۆزىنى قالدۇرمىغان بولسىمۇ ھارام قىلىنغان ئايلارنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئۇلار بىر ئاينى ھالال قىلسا ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئاينى ھارام قىلىدۇ. بۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنى ھالال قىلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە خلاپلىق قىلىدۇ. شەيتان ئۇلارغا يامان ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەمەل قىلدى. ئۇلار پەيدا قىلغان ئايلارنى كەينىگە سۈرۈش مەسىلىسى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرغان كاپىرلارغا مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلمايدۇ.

38

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَا لَكُمْ إِذَا قِيلَ لَكُمُ ٱنفِرُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱثَّاقَلْتُمْ إِلَى ٱلْأَرْضِ ۚ أَرَضِيتُم بِٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا مِنَ ٱلْءَاخِرَةِ ۚ فَمَا مَتَٰعُ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا فِى ٱلْءَاخِرَةِ إِلَّا قَلِيلٌ

ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا چىقىڭلار دېيىلسە، نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلغىڭلار كەلمەيدۇ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى (بەخت) بىلەن تېگىشىشكە رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەرزىمەس نەرسىدۇر

ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! دۈشمىنىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىڭلار دېيىلسە نېمىشقا ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇشقا مايىل بولىسىلەر؟ ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارغا تەييارلىغان مەڭگۈلۈك ئاخىرەت نېئمەتلىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتكۈنچە دۇنيا ھاياتى ۋە دۇنيانىڭ ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىگە رازى بولدۇڭلارمۇ؟، دۇنيا ھاياتىدىن ھۇزۇرلۇنۇش ئاخىرەت ھاياتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئازغىنە نەرسىدۇر. ئەقىللىق ئادەم قانداقسىگە باقىنى قويۇپ پانىنى، كۆپنى قويۇپ ئازنى تاللايدۇ؟

39

إِلَّا تَنفِرُوا۟ يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًۭا وَيَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ وَلَا تَضُرُّوهُ شَيْـًۭٔا ۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ قَدِيرٌ

ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار، اﷲ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، سىلەر اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

ئى مۆئمىنلەر! دۈشمىنىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقمىساڭلار ئاللاھ سىلەرنى مەغلۇبىيەت ئارقىلىق جازالايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزىگە ئىتائەتمەن بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار جىھادقا سەپەرۋەر قىلىنسا چىقىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىقىش ئارقىلىق ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر. سىلەر ئاللاھقا مۇھتاجسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ. ئاللاھ سىلەرسىزمۇ ئۆز دىنىغا ۋە پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىشكە قادىردۇر.

40

إِلَّا تَنصُرُوهُ فَقَدْ نَصَرَهُ ٱللَّهُ إِذْ أَخْرَجَهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ثَانِىَ ٱثْنَيْنِ إِذْ هُمَا فِى ٱلْغَارِ إِذْ يَقُولُ لِصَٰحِبِهِۦ لَا تَحْزَنْ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَنَا ۖ فَأَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَيْهِ وَأَيَّدَهُۥ بِجُنُودٍۢ لَّمْ تَرَوْهَا وَجَعَلَ كَلِمَةَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱلسُّفْلَىٰ ۗ وَكَلِمَةُ ٱللَّهِ هِىَ ٱلْعُلْيَا ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

ئەگەر سىلەر اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (اﷲ ياردەم قىلىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «زەم قىلمىغىن، اﷲ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دەيتتى، اﷲ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى (يەنى شېرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، اﷲ نىڭ سۆزى (يەنى كەلىمە تەۋھىد) ئۈستۈندۇر، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئى مۆئمىنلەر! ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمىسەڭلار، يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىساڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭغا سىلەرسىزمۇ ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا مۇشرىكلار ئۇنى ۋە ئەبۇبەكرىنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى. ئەينى چاغدا ئۇ ئىككىسى ئۆزلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن كاپىرلاردىن يۇشۇرۇنۇش ئۈچۈن سەۋر غارىدا ئىدى. ئەينى چاغدا ئەبۇ بەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىنى تېپىۋىلىشىدىن ئەنسىرىگەن چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمراھى ئەبۇ بەكرىگە: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىزگە ياردەم بېرىدۇ» دېدى، ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرۈپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەردىن ئىبارەت، سىلەر كۆرەلمەيدىغان قوشۇنلارنى چۈشۈردى. مۇشرىكلارنىڭ كەلىمىسى تۆۋەن، ئىسلامنى ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ زاتىدا، پادىشاھلىقىدا غالىبدۇر. ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كېلەلمەيدۇ. ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ۋە تەقدىر قىلىشتا، ھۆكۈم يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.