ٱتَّخَذُوٓا۟ أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَٰنَهُمْ أَرْبَابًۭا مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَٱلْمَسِيحَ ٱبْنَ مَرْيَمَ وَمَآ أُمِرُوٓا۟ إِلَّا لِيَعْبُدُوٓا۟ إِلَٰهًۭا وَٰحِدًۭا ۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَٰنَهُۥ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ تىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر
يەھۇدىلار ئۆلىمالىرىنى، ناسارالار راھىبلىرىنى ئاللاھنى قويۇپ ئۇلارنى رەب قىلىۋالدى. بۇ دىنى رەھبەرلەر ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. ناسارالار ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىلاھ قىلىۋالدى. ئاللاھ يەھۇدى ئۆلىمالىرىنى، ناسارالارنىڭ راھىبلىرىنى، ئۇزەيرنى ۋە ئىيسا ئىبنى مەريەمنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئۆزىگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرىغان ئىدى. ئاللاھ يەككە-يېگانە ئىلاھتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھ بارچە ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ مۇشرىكلار چاپلىغان بۇھتانلاردىن پاكتۇر