فَإِن تَابُوا۟ وَأَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُا۟ ٱلزَّكَوٰةَ فَإِخْوَٰنُكُمْ فِى ٱلدِّينِ ۗ وَنُفَصِّلُ ٱلْءَايَٰتِ لِقَوْمٍۢ يَعْلَمُونَ
ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز
ئەگەر ئۇلار كۇپرىدىن تەۋبە قىلىپ، ئىمان ئېيتسا، ناماز ئوقۇسا، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرسە ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىندىشىڭلاردۇر. ئۇلار ھوقۇق-مەجبۇرىيەتتە سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش سىلەرگە ھالال ئەمەس، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقى؛ قانلىرىنى، ماللىرىنى ۋە يۈز-ئابرويلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. ھەقكە يېتىش ئۈچۈن ئىنتىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى روشەن بايان قىلىپ بېرىمىز. ئايەتلەر بىلەن ئۆزلىرى مەنپەئەتلىنىدۇ ۋە باشقىلارنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدۇ.