Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 121–129 of 129

121

وَلَا يُنفِقُونَ نَفَقَةًۭ صَغِيرَةًۭ وَلَا كَبِيرَةًۭ وَلَا يَقْطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ لِيَجْزِيَهُمُ ٱللَّهُ أَحْسَنَ مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

ئۇلارنىڭ (اﷲ نىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ

ئۇلارنىڭ (ئاللاھ يولىدا) مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن سەرپ قىلغان مېلى، (جىھاد قىلىش مەقسىتىدە) ۋادىلارنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا تارتقان جاپالىرىغا، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلارنى بېرىدۇ.

At-Tawba 9:121Listen in Qur'an →
122

۞ وَمَا كَانَ ٱلْمُؤْمِنُونَ لِيَنفِرُوا۟ كَآفَّةًۭ ۚ فَلَوْلَا نَفَرَ مِن كُلِّ فِرْقَةٍۢ مِّنْهُمْ طَآئِفَةٌۭ لِّيَتَفَقَّهُوا۟ فِى ٱلدِّينِ وَلِيُنذِرُوا۟ قَوْمَهُمْ إِذَا رَجَعُوٓا۟ إِلَيْهِمْ لَعَلَّهُمْ يَحْذَرُونَ

مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقتى)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ اﷲ تىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟

مۆئمىنلەر جىھادقا چىققاندا (چۈنكى جىھادتا يېڭىش ۋە يېڭىلىش بولىدۇ) تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مۆئمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى شەرت ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىققان ئىكەن، ئۇلانىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر تۈركۈمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان قۇرئان ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدا ئالىم بولۇپ، قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش مەقسىتىدە ئىدى. مانا بۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ھالقىلىق ۋەزىيەتتە سەھابىلىرىنى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تاللىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

At-Tawba 9:122Listen in Qur'an →
123

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ قَٰتِلُوا۟ ٱلَّذِينَ يَلُونَكُم مِّنَ ٱلْكُفَّارِ وَلْيَجِدُوا۟ فِيكُمْ غِلْظَةًۭ ۚ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلْمُتَّقِينَ

ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (يەنى سىلەرگە خەتەر بولماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتراپىڭلاردىكى كۇففارلارنى ئۇجۇقتۇرۇڭلار)، سىلەرنى ئۇلار ھېس قىلسۇن (يەنى ئۇرۇش ئۈستىدە ئۇلارغا قاتتىق قول بۇلۇڭلار، ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمىسۇن)، بىلىڭلاركى، اﷲ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى اﷲ تەقۋادارلارغا مەدەتكاردۇر)

ئاللاھ مۆئمىنلەرنى يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇدى. چۈنكى ئۇلار يېقىن بولغاچقا مۆئمىنلەرنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. يەنە شۇنداقلا كاپىرلارنى قورقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يامانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا قاتىق قول بولۇشقا بۇيرىدى. ئاللاھ تەقۋادار مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىدۇ.

At-Tawba 9:123Listen in Qur'an →
124

وَإِذَا مَآ أُنزِلَتْ سُورَةٌۭ فَمِنْهُم مَّن يَقُولُ أَيُّكُمْ زَادَتْهُ هَٰذِهِۦٓ إِيمَٰنًۭا ۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فَزَادَتْهُمْ إِيمَٰنًۭا وَهُمْ يَسْتَبْشِرُونَ

(قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (يەنى سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار، مۆمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، (ھەر سۈرىدە يېڭى دەلىل - ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن) بۇ (يەنى سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار (سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) خۇشال بولىدۇ

ئاللاھ پەيغەمبىرىگە بىرەر سۈرە نازىل قىلسا مۇناپىقلارنىڭ بەزىلىرى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان بۇ سۈرە سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى؟، دەيدىغانلار بار. ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى تەستىقلىغان مۆئمىنلەرگە كەلسەك، نازىل بولغان سۈرە ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. نازىل قىلىنغان ۋەھيىدە ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار خۇشال بولىدۇ.

At-Tawba 9:124Listen in Qur'an →
125

وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌۭ فَزَادَتْهُمْ رِجْسًا إِلَىٰ رِجْسِهِمْ وَمَاتُوا۟ وَهُمْ كَٰفِرُونَ

دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) غا كېلىدىغان بولساق، بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى (يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، تېخىمۇ گۇمراھلاشتى)، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى

مۇناپىقلارغا كېلىدىغان بولساق، نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە ئەھكام ۋە قىسسىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئايەتلەر ۋە ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، قۇرئاننىڭ نازىل بولىشى داۋاملاشقانسىرى ئۇلاردىكى مەنىۋىي كېسەللىك ۋە نىجىسلىق زىيادە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئايەت نازىل بولسىلا نازىل بولغان نەرسە ھەققىدە شەك قىلىدۇ ۋە ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلىدۇ.

At-Tawba 9:125Listen in Qur'an →
126

أَوَلَا يَرَوْنَ أَنَّهُمْ يُفْتَنُونَ فِى كُلِّ عَامٍۢ مَّرَّةً أَوْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمْ يَذَّكَّرُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇلار توغرىسىدا ۋەھيى نازىل بولۇپ، سىرلىرىنىڭ پاش قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ (يەنى نىفاقتىن قايتمايدۇ). ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىرلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مۇناپىقلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئارقىلىق سىنىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزىنى سىنايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كۇپرىلىقىدىن تەۋبە قىلمايدۇ. نىپاقتىن قايتمايدۇ. ئۆزلىرىگە نازىل بولغان سۈرىلەردىن ۋە ئۇ سۈرىلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولىدىغانلىقىدىن ئىبرەت ئالمايدۇ.

At-Tawba 9:126Listen in Qur'an →
127

وَإِذَا مَآ أُنزِلَتْ سُورَةٌۭ نَّظَرَ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ هَلْ يَرَىٰكُم مِّنْ أَحَدٍۢ ثُمَّ ٱنصَرَفُوا۟ ۚ صَرَفَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُم بِأَنَّهُمْ قَوْمٌۭ لَّا يَفْقَهُونَ

(ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدىكى چاغدا، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ: «سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، اﷲ قا ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى

ئاللاھ پەيغەمبىرىگە مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان بىرەر سۈرىنى نازىل قىلسا، ئۇلار ئۆز-ئارا بىر بىرىگە: سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ؟ دىيىشىپ قارىشىدۇ. ئەگەر بىرەرسى ئۇلارنى كۆرمىسە سورۇندىن تېكىۋىتىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن، ياخشىلىقتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى خار قىلدى

At-Tawba 9:127Listen in Qur'an →
128

لَقَدْ جَآءَكُمْ رَسُولٌۭ مِّنْ أَنفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُم بِٱلْمُؤْمِنِينَ رَءُوفٌۭ رَّحِيمٌۭ

(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئارا ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر

ئى ئەرەب جامائەسى! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز-ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. ئۇمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئەرەب، سىلەرگە ئېغىر كەلگەن ئىش ئۇنىڭغىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلارغا ھېرىسدۇر. ئۇ سىلەرگە كۆيىنىدۇ. خۇسۇسەن مۆئمىنلەرگە ناھايىتى كۆيۈمچان ۋە مېھرىباندۇر.

At-Tawba 9:128Listen in Qur'an →
129

فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَقُلْ حَسْبِىَ ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَهُوَ رَبُّ ٱلْعَرْشِ ٱلْعَظِيمِ

(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «اﷲ ماڭا. كۆرىدۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى اﷲ قا يۆلەندىم، اﷲ تىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە ھېچ ئەھەدىدىنمۇ قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سەندىن يۈز ئۆرۈسە، سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتمىسا، سەن ئۇلارغا: ماڭا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر، ئۇنىڭغىلا تاياندىم، ئۇ ئەرىشنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىدۇر، دېگىن.

At-Tawba 9:129Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.