Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 111–120 of 129

111

۞ إِنَّ ٱللَّهَ ٱشْتَرَىٰ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ أَنفُسَهُمْ وَأَمْوَٰلَهُم بِأَنَّ لَهُمُ ٱلْجَنَّةَ ۚ يُقَٰتِلُونَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ فَيَقْتُلُونَ وَيُقْتَلُونَ ۖ وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّۭا فِى ٱلتَّوْرَىٰةِ وَٱلْإِنجِيلِ وَٱلْقُرْءَانِ ۚ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِۦ مِنَ ٱللَّهِ ۚ فَٱسْتَبْشِرُوا۟ بِبَيْعِكُمُ ٱلَّذِى بَايَعْتُم بِهِۦ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ

شۈبھىسىزكى، اﷲ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار اﷲ نىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ)، (جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (اﷲ نىڭ) راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە اﷲ تىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ (يەنى اﷲ تىنمۇ ۋاپادار ئەھەدى يوق) قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆئمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى (ئۆزىنىڭ مۈلكى بولغان بولسىمۇ) جاندىنمۇ قىممەتلىك جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇلار كاپىرلارنى ئۆلتۈرىدۇ، كاپىرلار ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب تەۋراتتا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب ئىنجىلدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب قۇرئاندا بۇنى ۋەدە قىلدى. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟. ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ بىلەن قىلغان سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. بۇ سودىدا چوڭ پايدا ئالدىڭلار. بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.

At-Tawba 9:111Listen in Qur'an →
112

ٱلتَّٰٓئِبُونَ ٱلْعَٰبِدُونَ ٱلْحَٰمِدُونَ ٱلسَّٰٓئِحُونَ ٱلرَّٰكِعُونَ ٱلسَّٰجِدُونَ ٱلْءَامِرُونَ بِٱلْمَعْرُوفِ وَٱلنَّاهُونَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَٱلْحَٰفِظُونَ لِحُدُودِ ٱللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ ٱلْمُؤْمِنِينَ

(گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار، (اﷲ قا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار (يەنى اﷲ نىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، نەھيى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار ھەم ئەھلى جەننەتتۇر)؛ مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن

بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەر بولسا ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن، ئاللاھ دوست تۇتىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرگە قايتقانلار، ئاللاھتىن قورقۇپ ئىخلاس بىلەن تائەت-ئىبادەت قىلغۇچىلار، ھەر قانداق ئەھۋالدا پەرۋەردىگارىغا ھەمدۇ -سانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، ناماز ئوقۇغۇچىلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغان ئىشلارغا بۇيرۇغۇچىلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى چەكلىگەن ئىشلاردىن چەكلىگۈچىلەر، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەگىشىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئى پەيغەمبەر! بۇ سۈپەتكە ئىگە مۆئمىنلەرگە ئۇلارنى دۇنيا ئاخىرەتتە خۇشال قىلىدىغان ئىشلار بىلەن بىشارەت بەرگىن.

At-Tawba 9:112Listen in Qur'an →
113

مَا كَانَ لِلنَّبِىِّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَن يَسْتَغْفِرُوا۟ لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوٓا۟ أُو۟لِى قُرْبَىٰ مِنۢ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُمْ أَصْحَٰبُ ٱلْجَحِيمِ

پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس

پەيغەمبەر ۋە مۆئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ شېرىك ئۈستىدە ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.

At-Tawba 9:113Listen in Qur'an →
114

وَمَا كَانَ ٱسْتِغْفَارُ إِبْرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَن مَّوْعِدَةٍۢ وَعَدَهَآ إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥٓ أَنَّهُۥ عَدُوٌّۭ لِّلَّهِ تَبَرَّأَ مِنْهُ ۚ إِنَّ إِبْرَٰهِيمَ لَأَوَّٰهٌ حَلِيمٌۭ

ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ اﷲ نىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا - جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى (يەنى كۆڭلى يۇمشاق)، (يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) چىداملىق ئىدى

ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىدى. ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇ، ئاتىسىنىڭ نەسىھەت مەنپەئەت قىلمايدىغان ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن ياكى ئاتىسىنىڭ كاپىر پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن ئاتىسىدىن ئادا-جۇدا بولدى. ئۇنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئەمەس بەلكى ئىجتىھادى ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا كۆپ ئاھ چەككۈچى، زالىم قەۋمىنىڭ ئەزىيەتلىرىنى كۆپ كەچۈرۋەتكۈچى ئىدى.

At-Tawba 9:114Listen in Qur'an →
115

وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُضِلَّ قَوْمًۢا بَعْدَ إِذْ هَدَىٰهُمْ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُم مَّا يَتَّقُونَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ

اﷲ بىر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ). ئەگەر ئۇلار ھاراملىقى بايان قىلىنغاندىن كېيىن ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا ئۇلارغا ئازغۇن دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرگە ئىلگىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۈگەتتى.

At-Tawba 9:115Listen in Qur'an →
116

إِنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۚ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّۢ وَلَا نَصِيرٍۢ

شۈبھىسىزكى، ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچ دوست ۋە مەدەتكار يوق

شۈبھىسىزكى، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. تىرىلدۈرۈشنى خالىغان كىشىنى تىرىلدۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈۈشنى خالىغان كىشىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئى ئىنسانلار! سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىشىڭلارغا ئىگە بولىدىغان دوست، سىلەردىن يامانلىقنى قايتۇرىدىغان ۋە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق مەدەتكارمۇ يوق.

At-Tawba 9:116Listen in Qur'an →
117

لَّقَد تَّابَ ٱللَّهُ عَلَى ٱلنَّبِىِّ وَٱلْمُهَٰجِرِينَ وَٱلْأَنصَارِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ فِى سَاعَةِ ٱلْعُسْرَةِ مِنۢ بَعْدِ مَا كَادَ يَزِيغُ قُلُوبُ فَرِيقٍۢ مِّنْهُمْ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّهُۥ بِهِمْ رَءُوفٌۭ رَّحِيمٌۭ

اﷲ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. (ئەينى زاماندا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشىگە تاس قالغاندىن كېيىن، اﷲ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. اﷲ ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلدى، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلارغا تەبۇك غازىتىغا چىقماسلىققا رۇخسەت بەرگەن ئىدى. تەبۇك غازىتىدا ھاۋا ئىسسىق، دۈشمەنلەر كۈچلۈك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ پەيغەمبەردىن ئايرىلماي ئەگەشكەن مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارنىڭمۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغان ۋە ئۇلار ئېغىر قىيىنچىلىقتا بولغانلىقى ئۈچۈن جىھادنى تاشلاش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى دىندا مۇستەھكەم بولۇشقا ۋە جىھادقا چىقىشقا مۇۋەپپەق قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارغا كۆيۈمچان ۋە مېھرىباندۇر. ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىپ، تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

At-Tawba 9:117Listen in Qur'an →
118

وَعَلَى ٱلثَّلَٰثَةِ ٱلَّذِينَ خُلِّفُوا۟ حَتَّىٰٓ إِذَا ضَاقَتْ عَلَيْهِمُ ٱلْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ وَضَاقَتْ عَلَيْهِمْ أَنفُسُهُمْ وَظَنُّوٓا۟ أَن لَّا مَلْجَأَ مِنَ ٱللَّهِ إِلَّآ إِلَيْهِ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ لِيَتُوبُوٓا۟ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ

جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ اﷲ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار اﷲ قا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ اﷲ نىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، اﷲ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. اﷲ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر

كەئب ئىبنى مالىك، مۇرارە ئىبنى رەبىئ، ھىلال ئىبنى ئۇمەييەدىن ئىبارەت جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى.ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەبۇكقا چىقمىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەۋبىسى كىچىكىپ قۇبۇل قىلىندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنى ئۇلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە بۇيرۇغان. ئۇلار بۇ سەۋەبتىن قاتتىق غەمگە چۆمگەن ھەتتاكى شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان ئىدى. ئۇلار يالغۇزلۇقتىن ئىچى سىقىلىپ، ئاللاھقا تايانماستىن باشقا تايىنىدىغان جاينىڭ يوق ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا رەھىم قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا مېھرىباندۇر.

At-Tawba 9:118Listen in Qur'an →
119

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَكُونُوا۟ مَعَ ٱلصَّٰدِقِينَ

ئى مۆمىنلەر! اﷲ تىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بۇلۇڭلار

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئىماندا، سۆز ۋە ئەمەللىرىدە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار. سىلەر راستچىللىق بىلەنلا نىجات تاپالايسىلەر.

At-Tawba 9:119Listen in Qur'an →
120

مَا كَانَ لِأَهْلِ ٱلْمَدِينَةِ وَمَنْ حَوْلَهُم مِّنَ ٱلْأَعْرَابِ أَن يَتَخَلَّفُوا۟ عَن رَّسُولِ ٱللَّهِ وَلَا يَرْغَبُوا۟ بِأَنفُسِهِمْ عَن نَّفْسِهِۦ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ لَا يُصِيبُهُمْ ظَمَأٌۭ وَلَا نَصَبٌۭ وَلَا مَخْمَصَةٌۭ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا يَطَـُٔونَ مَوْطِئًۭا يَغِيظُ ٱلْكُفَّارَ وَلَا يَنَالُونَ مِنْ عَدُوٍّۢ نَّيْلًا إِلَّا كُتِبَ لَهُم بِهِۦ عَمَلٌۭ صَٰلِحٌ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ ٱلْمُحْسِنِينَ

مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىلارنىڭ رەسۇلۇللا بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ (يەنى ئۇلارنى جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىشتىن مەنئى قىلىش) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار اﷲ نىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا - مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، مەغلۇپ قىلىش قاتارلىق) ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ئۇلارغا ياخشىلىق (يەنى ساۋاب) يېزىلىدۇ، اﷲ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىھادقا چىققان ۋاقىتتا مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرى بىلەنلا بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ يولىدا يەتكەن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق، جاپا-مۇشەققەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كاپىرلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئورۇندا بولىشى، دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، غەنىمەت ئېلىش ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىتىش قاتارلىق (ھەر نەرسىگە) ئاللاھ قوبۇل قىلىدىغان ياخشى ئەمەلنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ بەلكى ئۇلارغا تولۇق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.

At-Tawba 9:120Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.