۞ إِنَّ ٱللَّهَ ٱشْتَرَىٰ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ أَنفُسَهُمْ وَأَمْوَٰلَهُم بِأَنَّ لَهُمُ ٱلْجَنَّةَ ۚ يُقَٰتِلُونَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ فَيَقْتُلُونَ وَيُقْتَلُونَ ۖ وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّۭا فِى ٱلتَّوْرَىٰةِ وَٱلْإِنجِيلِ وَٱلْقُرْءَانِ ۚ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِۦ مِنَ ٱللَّهِ ۚ فَٱسْتَبْشِرُوا۟ بِبَيْعِكُمُ ٱلَّذِى بَايَعْتُم بِهِۦ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ
شۈبھىسىزكى، اﷲ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار اﷲ نىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ)، (جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (اﷲ نىڭ) راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە اﷲ تىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ (يەنى اﷲ تىنمۇ ۋاپادار ئەھەدى يوق) قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆئمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى (ئۆزىنىڭ مۈلكى بولغان بولسىمۇ) جاندىنمۇ قىممەتلىك جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇلار كاپىرلارنى ئۆلتۈرىدۇ، كاپىرلار ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب تەۋراتتا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب ئىنجىلدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب قۇرئاندا بۇنى ۋەدە قىلدى. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟. ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ بىلەن قىلغان سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. بۇ سودىدا چوڭ پايدا ئالدىڭلار. بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.