Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 101–110 of 129

101

وَمِمَّنْ حَوْلَكُم مِّنَ ٱلْأَعْرَابِ مُنَٰفِقُونَ ۖ وَمِنْ أَهْلِ ٱلْمَدِينَةِ ۖ مَرَدُوا۟ عَلَى ٱلنِّفَاقِ لَا تَعْلَمُهُمْ ۖ نَحْنُ نَعْلَمُهُمْ ۚ سَنُعَذِّبُهُم مَّرَّتَيْنِ ثُمَّ يُرَدُّونَ إِلَىٰ عَذَابٍ عَظِيمٍۢ

ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز، ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرۇلىدۇ

مەدىنە ئەتراپىدىكى ئەئرابىلاردىن مۇناپىقلار بار. مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار. ئى پەيغەمبەر! سەن ئۇلارنى بىلمەيسەن. ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى ئېچىش، ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق دۇنيادا بىر قېتىم، قەبرە ئازابى بىلەن ئاخىرەتتە بىر قېتىم ئازاپلايدۇ. ئاندىن ئۇلار قىيامەت كۈنى دەۋزەخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

At-Tawba 9:101Listen in Qur'an →
102

وَءَاخَرُونَ ٱعْتَرَفُوا۟ بِذُنُوبِهِمْ خَلَطُوا۟ عَمَلًۭا صَٰلِحًۭا وَءَاخَرَ سَيِّئًا عَسَى ٱللَّهُ أَن يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌ

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى (يەنى باشقىلارغا ئوخشاش جىھادقا چىقمىغانلىقىغا يالغان ئۆزرە ئېيتمىدى). ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، اﷲ نىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر، اﷲ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

مەدىنە ئاھالىسىدىن ئۆزرىسىز جىھادقا چىقماي قالغانلاردىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزرىسىنىڭ يوقلىقىنى ئىتىراپ قىلدى ۋە يالغان ئۆزرىلەرنى بايان قىلمىدى. ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە چىڭ ئېسىلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن، تەۋبە قىلىشى ئۈمىد قىلىنىدىغان يامان ئەمەللەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىكى تەۋبە قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.

At-Tawba 9:102Listen in Qur'an →
103

خُذْ مِنْ أَمْوَٰلِهِمْ صَدَقَةًۭ تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّ صَلَوٰتَكَ سَكَنٌۭ لَّهُمْ ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ (سۆزىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇ ئارقىلىق ئۇلار گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ كىرلىرىدىن پاكلانسۇن، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرى كۆپەيسۇن. ئۇلاردىن سەدىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇلارغا دۇئا قىلغىن. شۈبھىسىزكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ دۇئايىڭنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.

At-Tawba 9:103Listen in Qur'an →
104

أَلَمْ يَعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ هُوَ يَقْبَلُ ٱلتَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِۦ وَيَأْخُذُ ٱلصَّدَقَٰتِ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ

ئۇلار (يەنى تەۋبە قىلغۇچىلار) اﷲ نىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، (خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ) سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە اﷲ نىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟

جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغانلار؛ ئاللاھنىڭ تەۋبە قىلغان بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سەدىقىگە ئېھتىياجى بولمىسىمۇ سەدىقىنى قۇبۇل قىلىپ، قىلغان سەدىقىسىگە ساۋاب بېرىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىكى تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ تەۋبىلىرىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلسۇن.

At-Tawba 9:104Listen in Qur'an →
105

وَقُلِ ٱعْمَلُوا۟ فَسَيَرَى ٱللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُۥ وَٱلْمُؤْمِنُونَ ۖ وَسَتُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى اﷲ، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا (نەرسىلەرنى) بىلگۈچى (اﷲ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، اﷲ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ»

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: قولدىن بېرىپ قويغان ئەمىلىڭلارنىڭ زىيىنىنى تولۇقلاڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىڭلار، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭلار، ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆئمىنلەر ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغان پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىسىلەر. ئۇ ئاشكارا-مەخپى قىلغان قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، دۇنيادا قىلغانلىرىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ ۋە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

At-Tawba 9:105Listen in Qur'an →
106

وَءَاخَرُونَ مُرْجَوْنَ لِأَمْرِ ٱللَّهِ إِمَّا يُعَذِّبُهُمْ وَإِمَّا يَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌۭ

يەنە بىر قىسىم (جىھادقا چىقمىغان) كىشىلەر (نىڭ ئىشى) اﷲ نىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، اﷲ يا ئۇلارنى (تەۋبە قىلمىسا) جازالايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ (ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ). اﷲ ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ تەبۇك غازىتىغا چىقمىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قالدۇرۇلدى، ئاللاھ ئۇلار ھەققىدە خالىغىنىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. يەنى تەۋبە قىلمىسا ئازابلايدۇ، تەۋبە قىلسا تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئازابقا ياكى ئەپۇغا ھەقلىق كىشىلەرنى ئاللاھ ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ھۆكۈم يولغا قويۇشتا ۋە ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ تەبۇك غازىتىغا چىقمىغانلار مۇرارە ئىبنى رەبىئ، كەئب ئىبنى مالىك، ھىلال ئىبنى ئۇمەييە قاتارلىقلاردۇر.

At-Tawba 9:106Listen in Qur'an →
107

وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُوا۟ مَسْجِدًۭا ضِرَارًۭا وَكُفْرًۭا وَتَفْرِيقًۢا بَيْنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ وَإِرْصَادًۭا لِّمَنْ حَارَبَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ مِن قَبْلُ ۚ وَلَيَحْلِفُنَّ إِنْ أَرَدْنَآ إِلَّا ٱلْحُسْنَىٰ ۖ وَٱللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَٰذِبُونَ

بەزى كىشىلەر مۆمىنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىنى پارچىلاش، اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەم (يەنى ئەبۇئامر راھىب) نىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ، اﷲ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك - شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر

بەزى مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈش، مۇناپىقلارغا ھەمدەمدە بولۇش ئارقىلىق كۇپرىنى كۈچەيتىش، مۆئمىنلەر ئارىسىنى بۇزۇش، مەسجىد بىنا قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئۇرۇش قىلماقچى بولغان كىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار سىلەرگە: بىز پەقەت مۇسۇلمانلارغا كۆيۈنۈشنىلا مەقسەت قىلدۇق، دەپ قەتئىي قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك-شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر.

At-Tawba 9:107Listen in Qur'an →
108

لَا تَقُمْ فِيهِ أَبَدًۭا ۚ لَّمَسْجِدٌ أُسِّسَ عَلَى ٱلتَّقْوَىٰ مِنْ أَوَّلِ يَوْمٍ أَحَقُّ أَن تَقُومَ فِيهِ ۚ فِيهِ رِجَالٌۭ يُحِبُّونَ أَن يَتَطَهَّرُوا۟ ۚ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلْمُطَّهِّرِينَ

ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋا ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر، ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، اﷲ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ

ئى پەيغەمبەر! يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنى بۇ مەسجىدنىڭ سۈپىتى، سەن مۇناپىقلارنىڭ بۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن قىلغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغىن. بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد قۇبادا ناماز ئوقۇشۇڭ، كۇپرىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد زىراردىن ئەۋزەلدۇر. مەسجىد قۇبادا نىجاسەتلەردىن سۇ بىلەن، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن تەۋبە-ئىستىغفار بىلەن پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ نىجاسەتلەردىن ۋە گۇناھلاردىن پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.

At-Tawba 9:108Listen in Qur'an →
109

أَفَمَنْ أَسَّسَ بُنْيَٰنَهُۥ عَلَىٰ تَقْوَىٰ مِنَ ٱللَّهِ وَرِضْوَٰنٍ خَيْرٌ أَم مَّنْ أَسَّسَ بُنْيَٰنَهُۥ عَلَىٰ شَفَا جُرُفٍ هَارٍۢ فَٱنْهَارَ بِهِۦ فِى نَارِ جَهَنَّمَ ۗ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

(دىننىڭ) بىناسىنى اﷲ نىڭ تەقۋادارلىقى ۋە رازىلىقى ئاساسىغا قۇرغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ گىرۋىكىگە قۇرۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەم ياخشىمۇ؟ اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

دىننىڭ ئاساسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋالىق ۋە ياخشىلىق ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈستىگە قۇرغان ئادەم بىلەن، مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كۇپرىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلغان كىشى باراۋەر بولامدۇ؟، مەڭگۈ باراۋەر بولمايدۇ. تەقۋالىق ئۈستىگە قۇرلغان ئاساس كۈچلۈك ۋە بىخەتەر بولىدۇ. يەنە بىرى يارنىڭ گىرۋىكىگە سالغان بىناغا ئوخشاش مۇستەھكەم بولمايدۇ، شۇنداقلا مەزكۇر بىنا ئورۇلۇپ چۇشىدۇ. نەتىجىدە بىنا بىلەن تەڭ ئۆزىمۇ جەھەننەمنىڭ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەمگە ئوخشايدۇ. كۇپرىلىق ۋە مۇناپىقلىق بىلەن زۇلۇم قىلغان قەۋمگە ئاللاھ مۇۋەپپىقىيەت بەرمەيدۇ.

At-Tawba 9:109Listen in Qur'an →
110

لَا يَزَالُ بُنْيَٰنُهُمُ ٱلَّذِى بَنَوْا۟ رِيبَةًۭ فِى قُلُوبِهِمْ إِلَّآ أَن تَقَطَّعَ قُلُوبُهُمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە - پارە بولۇپ ئۆلمىگىچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى (يەنى مەسجىدى زىرار) دىللىرىدىكى گۇمان (مۇناپىقلىق) نىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، اﷲ (مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە ئاساسەن، ئۇلارنى جازالاشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمۈگىچە ياكى ئۆلتۈرۈلمىگىچە ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى زىرار سەۋەبلىك دىللىرىدىكى گۇمان ۋە يىلتىز تارتىپ كەتكەن مۇناپىقلىق بولىۋېرىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ مۇكاپات-جازاسى سۈپىتىدە ھۆكۈم قىلغان ئىشلىرىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

At-Tawba 9:110Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.