Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 1–10 of 129

1

بَرَآءَةٌۭ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلْمُشْرِكِينَ

(بۇ) اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا قاراتقان ئادا - جۇدا بولۇش (يەنى مۇئاھىدىنى بىكار قىلىش) ئېلانىدۇر

ئى مۇسۇلمانلار! بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرەپتىن ئادا-جۇدا بولۇشتۇر ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا سىلەر مۇشرىكلار بىلەن تۈزۈشكەن مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنىڭ ئېلانىدۇر.

2

فَسِيحُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍۢ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِى ٱللَّهِ ۙ وَأَنَّ ٱللَّهَ مُخْزِى ٱلْكَٰفِرِينَ

(ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە (خالىغىنىڭلارچە) تۆت ئاي يۈرۈڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (بىلىڭلاركى) اﷲ كاپىرلارنى خار قىلغۇچىدۇر

ئى مۇشرىكلار! يەر يۈزىدە خاتىرجەم ھالدا تۆت ئاي يۈرۈڭلار. تۆت ئايدىن كېيىن سىلەرگە ئەمىنلىك بېرىلمەيدۇ ۋە مۇئاھىدىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. سىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئەگەر كۇپرىلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى دۇنيادا ئەسىر ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن ، قىيامەت كۈنى دەۋزەخكە كىرگۈزۈش بىلەن خار قىلىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئەھدىنى بۇزغان ۋە ۋاقىتسىز مۇتلەق ئەھدىسى بولغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ۋاقىتلىق مۇئاھىدە تۈزۈشكەن ئادەمگە كەلسەك، گەرچە تۆت ئايدىن كۆپرەك بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ مۇئاھىدىسى ۋاقتى توشقىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ.

3

وَأَذَٰنٌۭ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلنَّاسِ يَوْمَ ٱلْحَجِّ ٱلْأَكْبَرِ أَنَّ ٱللَّهَ بَرِىٓءٌۭ مِّنَ ٱلْمُشْرِكِينَ ۙ وَرَسُولُهُۥ ۚ فَإِن تُبْتُمْ فَهُوَ خَيْرٌۭ لَّكُمْ ۖ وَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِى ٱللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

(بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدادۇر. ئەگەر (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە (گۇمراھلىقتا كېتىۋېرىشتىن) ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن

نەھرى كۈنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن بارلىق كىشىلەرگە: ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدادۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ ئادا-جۇدادۇر. ئى مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر شېرىك كەلتۈرۈشىڭلاردىن تەۋبە قىلساڭلار تەۋبە قىلغىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر تەۋبە قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئاللاھتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر دەپ ئېلان قىلىندى. ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئۇلارنى ئوسال قىلىدىغان نەرسە يەنى ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان قاتتىق ئازاپ بىلەن خەۋەر بەرگىن.

4

إِلَّا ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلْمُشْرِكِينَ ثُمَّ لَمْ يَنقُصُوكُمْ شَيْـًۭٔا وَلَمْ يُظَٰهِرُوا۟ عَلَيْكُمْ أَحَدًۭا فَأَتِمُّوٓا۟ إِلَيْهِمْ عَهْدَهُمْ إِلَىٰ مُدَّتِهِمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُتَّقِينَ

ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزگەن، مۇئاھىدىگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ مۇئاھىدىگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى،، اﷲ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ

ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىن سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن، تۈزۈشكەن مۇئاھىدىگە ۋاپا قىلغان، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى بۇزمىغان كىشىلەر ئىلگىرىكى ھۆكۈمدىن مۇستەسنادۇر. ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن مۇئاھىدىگە ۋاقتى توشقىچە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. مۇئاھىدىگە ئەمەل قىلىش ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىشقا مەنسۇپدۇر، خىيانەت قىلماسلىق ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا مەنسۇپدۇر.

5

فَإِذَا ٱنسَلَخَ ٱلْأَشْهُرُ ٱلْحُرُمُ فَٱقْتُلُوا۟ ٱلْمُشْرِكِينَ حَيْثُ وَجَدتُّمُوهُمْ وَخُذُوهُمْ وَٱحْصُرُوهُمْ وَٱقْعُدُوا۟ لَهُمْ كُلَّ مَرْصَدٍۢ ۚ فَإِن تَابُوا۟ وَأَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُا۟ ٱلزَّكَوٰةَ فَخَلُّوا۟ سَبِيلَهُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

(ئۇرۇش قىلىش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە، مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر

سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا ئەمىنلىك بەرگەن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار تۈگىسە مۇشرىكلارنى ئۇچرىغان جايدا ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارنى قورغانلىرىدا مۇھاسىرىگە ئېلىڭلار. ئۇلارنىڭ يوللىرىدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار شېرىكتىن قول ئۈزۈپ ئاللاھقا تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرسە، ئۇلار سىلەرنىڭ ئىسلامى قېرىندىشىڭلار بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن قولۇڭلارنى يىغىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرگىچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.

6

وَإِنْ أَحَدٌۭ مِّنَ ٱلْمُشْرِكِينَ ٱسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّىٰ يَسْمَعَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُۥ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌۭ لَّا يَعْلَمُونَ

ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ اﷲ نىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى (جېنى، مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر

ئى پەيغەمبەر! قېنى ۋە مېلى ھالال بولغان مۇشرىكلاردىن بىرسى كىرىپ سەندىن ئامانلىق تىلىسە ئۇ قۇرئاننى ئاڭلىغانغا قەدەر ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغىن. ئاندىن ئۇنى ئەمىن جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى كاپىرلار ھەقىقەتەن دىننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر. ئەگەر ئۇلار دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى ۋە قۇرئاننىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاشنى بىلسە ھىدايەت تېپىشى مۇمكىن.

7

كَيْفَ يَكُونُ لِلْمُشْرِكِينَ عَهْدٌ عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ رَسُولِهِۦٓ إِلَّا ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّمْ عِندَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ۖ فَمَا ٱسْتَقَٰمُوا۟ لَكُمْ فَٱسْتَقِيمُوا۟ لَهُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُتَّقِينَ

اﷲ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قارىشىچە، (ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان) مۇشرىكلاردا قانداقمۇ مۇئاھىدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەمما مەسجىدى ھەرەم قېشىدا سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلار ئەگەر ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، سىلەرمۇ ۋاپا قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ تەقۋادارلارنى (يەنى پەرۋەردىگاردىن قورققان، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان، خىيانەت قىلمىغانلارنى) دوست تۇتىدۇ

ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قارىشىچە مۇشرىكلارغا ئەمىنلىك بېرىش ۋە مۇئاھىدە تۈزۈش توغرا ئەمەس. ئى مۇسۇلمانلار! ئەمما ھۈدەيبىيە سۈلھىسىدە مەسجىدى ھەرەم يېنىدا سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلار ئەگەر ئاراڭلاردا تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزماستىن رىئايە قىلسا سىلەرمۇ ئەھدىنى بۇزماستىن رىئايە قىلىڭلار. ئاللاھ شۈبھىسىزكى بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن چەكلەنگەن تەقۋادار بەندىلىرىنى دوست تۇتىدۇ.

8

كَيْفَ وَإِن يَظْهَرُوا۟ عَلَيْكُمْ لَا يَرْقُبُوا۟ فِيكُمْ إِلًّۭا وَلَا ذِمَّةًۭ ۚ يُرْضُونَكُم بِأَفْوَٰهِهِمْ وَتَأْبَىٰ قُلُوبُهُمْ وَأَكْثَرُهُمْ فَٰسِقُونَ

مۇشرىكلار ئەھدىسىگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ توغراڭلاردا نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى ئېغىزلىرىدا خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا (ۋەدىسىدە تۇرۇشنى) خالىمايدۇ (يەنى ئاغزىدا چىرايلىق سۆزلىگىنى بىلەن، كۆڭۈللىرى ئاداۋەت، نىفاق بىلەن تولغان). ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر

مۇشرىلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار تۇرسا قانداقمۇ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلبە قىلسا سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردا نە ئاللاھنىڭ (ھۆكمىگە)، نە تۇققانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ، بەلكى سىلەرنى ئېغىر ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. سىلەرنى ئېغىزلىرىدىكى چىرايلىق گەپلىرى بىلەن خۇش قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئويلىغىنى ئېغىزىدىن چىققىنى بىلەن ئوخشاش ئەمەس، دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلمايدۇ. كۆپىنچىسى ئەھدىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن چىقىپ كەتكەنلەردۇر.

9

ٱشْتَرَوْا۟ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ ثَمَنًۭا قَلِيلًۭا فَصَدُّوا۟ عَن سَبِيلِهِۦٓ ۚ إِنَّهُمْ سَآءَ مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

ئۇلار اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال - مۈلۈكلىرىدىن) ئەرزىمەس نەرسىلەرگە تېگىشتى، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توستى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!

ئۇلار ئەھدىگە ۋاپا قىلىشمۇ ئۇنىڭ جۈملىسىدىن بولغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئەگىشىشنى ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرى ۋە شەھۋەتلىرىگە ۋاستە بولىدىغان دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مال-مۈلۈكلىرىدىن ئازغىنە نەرسىگە ئالماشتۇردى. شۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنى ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن چەكلىدى ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. باشقىلارنىمۇ ھەقىقەتتىن چەكلىدى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان-ھە!

10

لَا يَرْقُبُونَ فِى مُؤْمِنٍ إِلًّۭا وَلَا ذِمَّةًۭ ۚ وَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُعْتَدُونَ

ئۇلار مۆمىنلەر ھەققىدە نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار (سىلەرگە زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر

ئۇلار ئاداۋەتخور بولغانلىقى ئۈچۈن مۆئمىنلەر ھەققىدە نە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە، نە تۇققانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. ئۇلار زالىملىق ۋە دۈشمەنلىك بىلەن سۈپەتلەنگەچكە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ھالقىغىچىلاردۇر.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.