بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش بىلەن بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرئان كەرىم ئوقۇشنى باشلايمەن، بىسمىللاھ دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن ئۈچنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولۇپ ئۇلار:1 -«ئاللاھ»يەنى ھەقىقى مەبۇد ئاللاھ بولۇپ، بۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىسمى بولۇپ، ئاللاھنىڭ غەيرى بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمايدۇ. 2-«ئەررەھمان»يەنى: چەكسىز رەھمەت ئىگىسى، ئۆز زاتىدىمۇ رەھمەت قىلغۇچىدۇر. 3-«ئەررەھىم»يەنى دائىمىي رەھمەت قىلغۇچى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رەھمىتى بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رەھىم قىلىدۇ، مۆئمىنلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.