Muslim99Muslim99
← Tafsir library

13. Ar-Ra'd

The Thunder · Medinan · 43 ayahs

سُورَةُ الرَّعۡدِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 1–10 of 43

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

1

الٓمٓر ۚ تِلْكَ ءَايَٰتُ ٱلْكِتَٰبِ ۗ وَٱلَّذِىٓ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ٱلْحَقُّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ

ئەلىف، لام، مىم، را. بۇ، كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئايەتلىرىدۇر. (قۇرئاندا) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ

ئەلىف، لام، مىيم، رائ. بۇ خىلدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۆتتى. ئەي پەيغەمبەر! بۇ سۈرىدىكى مۇشۇنداق يۈكسەك مۆجىزىلەر ۋە ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان شەكسىز ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە شەك يوق. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەرسالىق ۋە تەكەببۇرلۇقىدىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ.

2

ٱللَّهُ ٱلَّذِى رَفَعَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ بِغَيْرِ عَمَدٍۢ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ ٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ ۖ كُلٌّۭ يَجْرِى لِأَجَلٍۢ مُّسَمًّۭى ۚ يُدَبِّرُ ٱلْأَمْرَ يُفَصِّلُ ٱلْءَايَٰتِ لَعَلَّكُم بِلِقَآءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ

اﷲ ئاسمانلارنى تۈرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىقىچە) سەير قىلىدۇ، اﷲ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ

ئاللاھ تائالا سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئاسمانلارنى ئىنتايىن يۈكسەك ھالەتتە، تۈۋرۈكسىز ياراتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدىكى، ئاللاھنىڭ قارار ئېلىشىنىڭ نە سۈپىتىنى بىلگىلى بولسۇن، نە ئۇنى بىر نەرسىگە ئوخشاتقىلى بولسۇن. قۇياشنى ۋە ئاينى مەخلۇقاتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى. قۇياش ۋە ئاينىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە توختىماي مېڭىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئىشلارنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىشىنىپ، ئۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.

3

وَهُوَ ٱلَّذِى مَدَّ ٱلْأَرْضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِىَ وَأَنْهَٰرًۭا ۖ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ جَعَلَ فِيهَا زَوْجَيْنِ ٱثْنَيْنِ ۖ يُغْشِى ٱلَّيْلَ ٱلنَّهَارَ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَءَايَٰتٍۢ لِّقَوْمٍۢ يَتَفَكَّرُونَ

اﷲ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك - چىشى - ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار

ئاللاھ تائالا زېمىننى يايدى ۋە كىشىلەرنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتى. خۇددى ھايۋانلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتقاندەك، ھەر تۈرلۈك مىۋېلەرنىمۇ جۈپ-جۈپ ياراتتى. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىيگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈز يورۇق بولغاندىن كېيىن قاراڭغۇ بولىدۇ. شەكسىزكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىل - پاكىتلار بار بولۇپ، بۇ دەلىل - پاكىتلاردىن ئاشۇ كىشىلەر مەنپەئەت ئالىدۇ.

4

وَفِى ٱلْأَرْضِ قِطَعٌۭ مُّتَجَٰوِرَٰتٌۭ وَجَنَّٰتٌۭ مِّنْ أَعْنَٰبٍۢ وَزَرْعٌۭ وَنَخِيلٌۭ صِنْوَانٌۭ وَغَيْرُ صِنْوَانٍۢ يُسْقَىٰ بِمَآءٍۢ وَٰحِدٍۢ وَنُفَضِّلُ بَعْضَهَا عَلَىٰ بَعْضٍۢ فِى ٱلْأُكُلِ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَءَايَٰتٍۢ لِّقَوْمٍۢ يَعْقِلُونَ

يەر يۈزىدە بىر بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار، كۆپ شاخلىق بولغان ۋە كۆپ شاخلىق بولمىغان (بىر ئۇرۇقتىن بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان، بىر ئۇرۇقتىن پەقەت بىر تال ئۈنۈپ چىققان) خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمىدە ئارتۇق قىلىمىز، بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار

زېمىندا بىر-بىرىگە يېقىن قىتئەلەر بار بولۇپ، ئۇلاردا ئۈزۈملۈك باغلار، ئېكىنلەر، بىر تۈپ ئۈستىدە كۆپ شاخلىرى بولغان ۋە بىر تۈپتە بىردىن شېخى بولغان خورمىلار بار. بۇ باغلار ۋە زىرائەتلەر ئوخشاش سۇدا سۇغۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز-ئارا يانداش تىكىلگەن ھەمدە بىر خىل سۇدا سۇغۇرۇلغان تۇرۇپمۇ بىز ئۇلارنى تەمدە ۋە باشقا پايدىلىق تەرەپلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىق قىلىمىز. شەكسىزكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردا ئەقىل ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىل - پاكىتلار بار. چۈنكى بۇلار مۇشۇلاردىن ئىبرەت ئالىدىغان كىشىلەردۇر.

5

۞ وَإِن تَعْجَبْ فَعَجَبٌۭ قَوْلُهُمْ أَءِذَا كُنَّا تُرَٰبًا أَءِنَّا لَفِى خَلْقٍۢ جَدِيدٍ ۗ أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِرَبِّهِمْ ۖ وَأُو۟لَٰٓئِكَ ٱلْأَغْلَٰلُ فِىٓ أَعْنَاقِهِمْ ۖ وَأُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر (بىرەر نەرسىدىن) ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ): «بىز (ئۆلۈپ) توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، (قىيامەت كۈنى) ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىرەر نەرسىدىن ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن ھەمدە «بىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قەبرىلىرىمىزدىن چىقىرىلىپ، تىرىك ھالىتىمىزگە قايتۇرۇلامدۇق؟ دېگەننى ئۆزلىرىنىڭ ئىنكارىغا باھانە قىلغانلىرىدىن ئەجەبلەنسەڭ بولىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغانلار بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشتى. قىيامەت كۈنى ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئوتتىن زەنجىرلەر سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخنىڭ مەھكۇملىرى بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار يوق بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

6

وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبْلَ ٱلْحَسَنَةِ وَقَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِمُ ٱلْمَثُلَٰتُ ۗ وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍۢ لِّلنَّاسِ عَلَىٰ ظُلْمِهِمْ ۖ وَإِنَّ رَبَّكَ لَشَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

ئۇلار سەندىن (اﷲ نىڭ) ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن اﷲ نىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شەك شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ

ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەندىن ئازابنى تېز چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالا ئالدىن بېكىتكەن نېئمەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىن بۇرۇن ئازابنى كېچىكىپ كەتتى، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلاردىن ئىلگىرى شۇلارغا ئوخشاش ئىنكارچى ئۈممەتلەرگە ئازاب كەلگەن ئىدى. ئۇلار نېمىشقا بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ؟. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئىنسانلار ھەددىدىن ئىشىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇلارنى تەۋبە قىلىۋالسۇن دەپ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. شەكسىزكى كۇپرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار تەۋبە قىلمىسا ئاللاھنىڭ جازاسى ئەلۋەتتە قاتتىقتۇر.

7

وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ ءَايَةٌۭ مِّن رَّبِّهِۦٓ ۗ إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرٌۭ ۖ وَلِكُلِّ قَوْمٍ هَادٍ

كۇففارلار نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى) بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك. ئۇ اﷲ نىڭ ئىلكىدىكى ئىش)

ئاللاھقا كاپىر بولغانلار تەرسالىق قىلىپ، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ: مۇسا ۋە ئىيساغا چۈشۈرۈلگىنىگە ئوخشاش، نېمىشقا مۇھەممەدكىمۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! سەن پەقەت كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. سېنىڭ ئاللاھ ساڭا بەرگەندىن باشقا مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش قولۇڭدىن كەلمەيدۇ. ھەر بىر قەۋمنىڭ توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇنى كۆرسىتىپ قويىدىغان بىر پەيغەمبىرى بار.

8

ٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَحْمِلُ كُلُّ أُنثَىٰ وَمَا تَغِيضُ ٱلْأَرْحَامُ وَمَا تَزْدَادُ ۖ وَكُلُّ شَىْءٍ عِندَهُۥ بِمِقْدَارٍ

ھەر بىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى اﷲ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ - قىزمۇ، بىرمۇ - كۆپمۇ، چوڭمۇ - كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ - سەتمۇ، بەختلىكمۇ - بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ - قىسقىمۇ - ھەممىسىنى اﷲ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (اﷲ) بىلىدۇ. اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر

ئاللاھ ھەر بىر ھامىلدارنىڭ قورسىقىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بالىياتقۇلاردا بولىدىغان كېمىيىش، كېڭىيىش، ساقلىق ۋە كېسەللىكلەرنىمۇ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەر نەرسىگە مەلۇم ئۆلچەم بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېشىپمۇ كەتمەيدۇ، كېمىيىپمۇ كەتمەيدۇ.

9

عَٰلِمُ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلْكَبِيرُ ٱلْمُتَعَالِ

اﷲ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر

چۈنكى ئاللاھ تائالا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىدىن مەخپىي بولغان نەرسىلەرنىمۇ ۋە ئۇلار ھېس قىلالايدىغان نەرسىلەرنىمۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرى، ئىسىملىرى ۋە ئىشلىرىدا بۈيۈك زاتتۇر. ئاللاھ ئۆز زاتى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن ھەر قانداق مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈندۇر.

10

سَوَآءٌۭ مِّنكُم مَّنْ أَسَرَّ ٱلْقَوْلَ وَمَن جَهَرَ بِهِۦ وَمَنْ هُوَ مُسْتَخْفٍۭ بِٱلَّيْلِ وَسَارِبٌۢ بِٱلنَّهَارِ

سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (اﷲ ئۈچۈن ئېيتقاندا) ئوخشاشتۇر (يەنى اﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ)

ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەردىن بىرى بىرەر ئىشنى ھەر قانچە مەخپىي قىلسۇن ياكى ئاشكارا قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن ئۇ بەرىبىر. شۇنداقلا كېچىنىڭ زۇلمىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغۇچى ۋە ئىش - پائالىيەتلىرىنى كۈپكۈندۈزدە ئوپئوچۇق قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئوخشاشتۇر.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.